نىڭشيا زەھەر چەكلەش خىزمىتى بويىچە تۇنجى يەرلىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلدى

2025.04.15 15:00 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى نىڭشيا زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، نىڭشيا زەھەر چەكلەش ساھەسىدىكى تۇنجى يەرلىك ئۆلچەم − «مەھەللىدە زەھەر چەكلەشكە دائىر مەخسۇس خىزمەتچى خادىملارنى سەپلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئۆلچىمى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ « ئۆلچەم» دېيىلىدۇ)نى يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىپ، نىڭشيانىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، نىڭشيانىڭ مەھەللىدە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسى ۋە كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، «ئۆلچەم» 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، خادىملارنى سەپلەش، مۇلازىمەت مەزمۇنى، كەسپىي ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن كونكرېت ئۆلچەم بېكىتىلىپ، ئۇچۇر باشقۇرۇش، مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك يادرولۇق خىزمەت ئومۇميۈزلۈك رەتلىنىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتتە ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ