يېقىندا، بەزى تورداشلار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا «شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كۈچلۈك قۇم-بوران ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار دەرس، ئىش توختىتىش تەدبىرىنى قوللاندى» دېگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خوتەن ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، توردا تارقالغان ئۇچۇر پىتنە ـ ئىغۋا ئىكەن.
تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشى: پىتنە-ئىغۋا توقۇماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ئۆلچەم قىلىپ، پىتنە-ئىغۋاغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى قوغدىشىمىز كېرەك.