جۇڭگو ھاۋا رايى تورى خەۋىرى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 6 دە داۋاملىق بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى:
مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 8:00 دىن 15-كۈنى سائەت 0:00 گىچە، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا 5 بالدىن 6 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، 7 بالدىن 9 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، خېبېينىڭ شىمالىي قىسمى، بېيجىڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئۆتكۈنچى شامال 10 بالدىن ئاشىدىكەن؛ بوخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى، بوخەي دېڭىز بوغۇزى، خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ كۆپ قىسىم دېڭىز تەۋەلىكى، دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7 بالدىن 8 بالغىچە، ئۆتكۈنچى شامال 9 بالدىن 10 بالغىچە چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى، دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قىسمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە شامال كۈچى 9 بالغا، ئۆتكۈنچى شامال 10 بالدىن 12 بالغا يېتىدىكەن.