4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، خانويغا بېرىپ ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام «خەلق گېزىتى»دە «بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتەيلى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
ئەتىيازنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى يولداش سۇ لىن ۋە ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى يولداش لياڭ چياڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ، مېنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيان 4 ـ قېتىم بۇ گۈزەل زېمىنغا قەدەم قويۇشۇم، مەن ۋيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن دوستلۇقنى ئىزھار قىلىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، ئورتاق غايە، ئېتىقاد ۋە كەڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە. ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بۇرۇن ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق، بۇ، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى.
جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روشەن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنقىلاب باشلامچىلىرى قول تۇتۇشۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيانىڭ مۇستەملىكىچىلىككە، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. جۇڭگو گۇاڭجوۋدىكى ۋيېتنام ياش ئىنقىلابىي يولداشلار ئۇيۇشمىسى، گۇاڭشىنىڭ جىڭشىدىكى «ۋيېتناملىقلار ئىتتىپاقى» ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئىنقىلابىي كونا جايلار جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىنقىلابىي دوستلۇقىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، رەئىس خۇ جىمىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يەنئەن، گۇيلىن، چۇڭچىڭ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلاردا جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان. جۇڭگو ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ۋە سىياسىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ فىرانسىيەگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىغان، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەققانىي ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەن. «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش»، بۇ، مەڭگۈ ئۆچمەس قىزىل ئەسلىمىگە ئايلاندى.
جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى چوڭقۇر بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشتىن باشلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ، باش شۇجى سۇ لىن قاتارلىق ۋيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ رول تۇتتۇق. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر قويۇق ھەمتۈرتكە بولدى، جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى، ئىككى پارتىيە نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى، چېگرا دۆلەت مۇداپىئەسى دوستلۇق ئالاقىسى، ئىككى دۆلەت گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ جىنايەتكە زەربە بېرىش يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملار ئۈنۈملۈك يۈرۈشتى، ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىرلەشمە كومىتېتى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مېخانىزمى ئورنىتىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە، جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەمكارلىقى قويۇق.
جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مۇنبەت ھەمكارلىق تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو ئۇدا 20 نەچچە يىل ۋيېتنامنىڭ 1 ـ چوڭ سودا ھەمراھى بولدى، 2024 ـ يىلى جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى 260 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. ليۇليەن، كوكۇس قاتارلىق ۋيېتنامنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىكى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە كىردى. ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈريولنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، يورۇقلۇق ۋولت، ئەخلەتتىن توك چىقىرىش قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە تۈرلىرى ۋيېتنامنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى، جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول 2 ـ لىنىيەسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى. جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قويۇق بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىلدى. بۇ يىللاردا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قەدىمى بارغانسېرى چوڭ تاشلاندى، ئىككى دۆلەت خەلقى بارغانسېرى يېقىن ئۆتتى. 2024 ـ يىلى جۇڭگودىن ۋيېتنامغا بارغان ساياھەتچى 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، دېتيەن (بەنيۆ) شارقىراتمىسى چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، چېگرا ھالقىغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى كۆپلەپ ئېچىلىپ، «بىر كۈندە ئىككى دۆلەتنى ساياھەت قىلىش»نى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. جۇڭگونىڭ كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلىرى ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ قىزغىن مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلىنىپ، ۋيېتنامدا «جۇڭگو تىل ـ يېزىقى قىزغىنلىقى»نىڭ سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ۋيېتنامنىڭ نۇرغۇن ناخشىسى جۇڭگو ئالاقە تورىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، خېفېن قاتارلىق ۋيېتنامنىڭ مەززىلىك تائاملىرى نۇرغۇن جۇڭگو خەلق ئاممىسىنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.
ھازىر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە كېڭەيمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىدى، 2024 ـ يىلى %5لىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى %30 ئەتراپىدا ساقلاپ، داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورى بولدى. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە كارتون كىنو ـ تېلېۋىزىيەسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئاسىيا يەرشارى ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىدۇ.
جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ۋيېتنام پات ئارىدا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى دەۋرنى ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر ۋيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى، دەپ قارايدۇ. بىز جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
− ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش. يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار بويىچە ئۇدۇل كېلىدىغان تارماقلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاشقى خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
− ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» رامكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپ بىلەن ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆلچەملىك رېلىسلىق ئۈچ تۆمۈريول تۈرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل پورت قۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنامنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋيېتنامغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
− ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش رىشتىسىنى چىڭىتىش. بۇ يىل «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مول، كۆپ خىل بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپرەك كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى ۋيېتنامدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ «داكا قىلىش»قا ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو ـ ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ دوستانە كۆرۈشۈشى، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق ئىللىقلىققا تولغان، ئاممىغا يېقىن، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
− كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. سودا ئۇرۇشى، تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى يوق. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش كېرەك. شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى، لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزم ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك.
− ئىختىلاپنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش. جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسى ۋە بېيبۇۋەن قولتۇقى چېگراسىنى ئايرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق دېڭىز ئۈستى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا تامامەن ئىقتىدارى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى بار. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭىز ئۈستى سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دېڭىز ئۈستى ئىختىلاپىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تالاش ـ تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت توپلىشى كېرەك. «نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى» كېڭىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىپ، نەنخەي دېڭىزىنى ھەقىقىي تۈردە تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو ۋيېتنام بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.