«گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتىنىڭ ئەسلىي ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (باج نىزامى كومىتېتى ئۇقتۇرۇشى 2025-يىلى 4-نومۇرلۇق)، «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتىنىڭ ئەسلىي ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (باج نىزامى كومىتېتى ئۇقتۇرۇشى 2025-يىلى 5-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن −
4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12:01 دىن باشلاپ ئەسلىدە ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق ئىمپورت تاۋارلىرىدىن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تاموژنا بېجى نىسبىتى ئاساسىدا %84 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدۇ؛
4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12:01 دىن بۇرۇن مال توشۇش باشلانغان جايدىن يولغا چىققان ھەم 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12:01دىن 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 24 كىچە ئىمپورت قىلىنغان ماللاردىن بۇ قېتىم قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنمايدۇ.