مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئارمىيەگە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار بايلىقى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەشنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلىق ھالدا شەخسىي غايىسىنى دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. تەشۋىقات خىزمىتى ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سېپى بەرپا قىلىپ، ئىستېرېئولۇق تەشۋىقات مەنزىرىسى بەرپا قىلىپ، «ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئەسكەر ئېلىش تورى، ئالىي مەكتەپ ئورگان تورلىرى، ئۈندىدار سالونى، قىسقا سىن سۇپىسى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قويۇق تەشۋىقات كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش تارىخى قاتلىمى ۋە يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا پەرقلىق تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەشۋىقات ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىي سەپكە كىرىش «يېشىل يولى»نى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى