مائارىپ مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 2025-يىللىق 1-نومۇرلۇق چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى.
ئاگاھلاندۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا، ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتى ئالىي مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگوغا چېتىشلىق پاسسىپ ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن بار بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا چەك قويۇلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئىشتاتلارغا بېرىپ ئوقۇغاندا بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى ياخشى باھالاپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.
مەنبە: خەلق تورى