مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە (4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە) پۈتۈن شىنجاڭدا ھاۋارايى نىسبەتەن ئۆزگىرىشچان بولۇپ، قار ـ يامغۇر يېغىپ، قۇم ـ بوران تەڭ چىقىدىكەن، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12ـ كۈنىگىچە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە بىر قېتىملىق رايون خاراكتېرلىك قىيپاش شەرق شامىلى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قار ـ يامغۇر ۋە شامال ئېغىزى بورىنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇم ـ توزان، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردىكى كەلكۈننىڭ يول قاتنىشى، ساياھەتچىلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.
كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات