«شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى» ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T1، T2، T3 ئاۋىياتسىيە بىنالىرى ئۆزگەرتىش، ئاسراش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبىدىن 2025-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئىشلىتىشتىن ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. شۇ چاغدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدىكى بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىغا ئومۇميۈزلۈك يۆتكىلىپ تىجارەت باشلايدىكەن.