ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز دەپ تەھدىت سالدى، سودا مىنىستىرلىقى جاۋاب قايتۇردى!

2025.04.08 14:50 مەنبە: خەلق تورى

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا %50 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەھدىتى سالغانلىقىغا دىققەت قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجى تەدبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىئەمەلىيلەشتۈرسە، جۇڭگو قارشى تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى»نى قوشۇپ ئېلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، بۇ تىپىك يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشى، جۇڭگو تەرەپ قوللانغان قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، نورمال خەلقئارا سودا تەرتىپىنى قوغداش بولۇپ، پۈتۈنلەي يوللۇق تەدبىر. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىمىز دەپ تەھدىت سېلىشى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالدامچىلىق ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ جاھىللىق قىلسا، جۇڭگو تەرەپ جەزمەن ئاخىرغىچە ھەمراھ بولىدۇ.

جۇڭگو تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچى يوق، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى يوق. بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان بارلىق يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىقتىساد-سودا بېسىمىنى توختىتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ