دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى: ئۇدا بەش كۈن دەم ئالىمىز!

2025.04.08 14:44 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ

5-ئايدا پەقەت 19 كۈن ئىشلەيمىز

ئۇنىڭدىن باشقا، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان « قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ چوڭ ھېيت-بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گوۋۇيۈەن تارقاتقان ( 2012 ) 37-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن

ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت دائىرىسى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دۆلەت قانۇندا بەلگىلىگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدىن ئىبارەت.

ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 5-كۈنى سائەت 24 كىچە

بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللار

(ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ھەق ئېلىنىدىغان كۆۋرۈك ۋە تونېلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

5-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ

نورمال ھەق ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ