ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەھۋالى (2025-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە)نى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە 21 ئۆلكىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2100 يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان، سەككىز ئۆلكىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2300 يۈەندىن ئاشقان.
كۆپ جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىرمۇنچە ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، فۇجيەن ئۆلكىسى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم تەڭشىگەندىن كېيىن تۆت دەرىجىنى ساقلاپ قالغان، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2265 يۈەن، 2195 يۈەن، 2045 يۈەن، 1895 يۈەن بولغان، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 23.5 يۈەن، 23 يۈەن، 21.5 يۈەن، 20 يۈەن بولغان.
سىچۈەن، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ، سەنشىمۇ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىدى، تەڭشىگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلدى.