شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ بالغۇنتايدىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكىدە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ

2025.04.01 23:50 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ بالغۇنتايدىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ.

بۇ تاش يول بۆلىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشى شىمالدىن جەنۇبقا ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 143 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن خېجىڭ ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، بالغۇنتايدىن كورلىغا بارىدىغان قاتناش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئىككى سائەت 30 مىنۇتتىن بىر سائەت ئون مىنۇتقا قىسقىرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ