3-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامىنى ئېلان قىلغان، بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
3 -ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 ـ يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «نىزام»دا «ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش»، «ئەدەبىيات، سەھنە سەنئىتى، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو ـ تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش» قاتارلىقلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«نىزام» جەمئىي 26 ماددا بولۇپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش تەدبىرلىرىنى تۇرغۇزۇش، تاكامۇللاشتۇرۇشتىن تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىشقىچە، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى، تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىلمىي مۇھاكىمە، خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگىچە، ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى سىستېمىلىق، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
«نىزام»دا ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، خىراجەت مەنبەسى، ۋارىسلىق قىلىش سورۇنى قۇرۇلۇشى، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ماناس بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەمدە تۇنجى قېتىم ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تارقالغان جايى ۋە ماناس ئېپوسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ئېنىق بېكىتىلدى.