بوۋاقلار سۈت پاراشوكىغا دائىر يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى

2025.03.28 16:10 مەنبە: خەلق تورى

بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا « بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق سۈت پاراشوكىنىڭ خام ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خام سۈتنى بىۋاسىتە پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىلھام بېرىپ، خام ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈردى. «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئېلان قىلىنىشى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رولغا ئىگە. «14-بەش يىل»دىن بۇيان، بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئىزچىل%99.9لىك بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان، سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلانغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ