3-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 50 تۈرلۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە توققۇز تۈرلۈك ئۆلچەمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا «قوشمىغان»، «قوشۇلمىغان» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «قوشۇلمىغان» دېگەن بۇ سۆز ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، پۈتۈپ چىققان يېمەكلىك مەھسۇلاتىدىكى ماتېرىيال ياكى تەركىبلەرنىڭ مىقدارى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن، مەلۇم مېۋە شەربىتى ئىچىملىكىنىڭ ماركىسىدا «قومۇش شېكىرى قوشۇلمىغان» دەپ يېزىلغان، لېكىن مېۋە شەربىتىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت ماددىسى بار، شۇڭا بۇ خىل مەھسۇلاتلارغا چاپلانغان «قومۇش شېكىرى قوشۇلمىغان» دېگەن سۆز مەھسۇلاتتا شېكەر يوق دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ ئاسانلا ئاممىنى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەيدۇ؛ بەزى «تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغان» دەپ يېزىلغان شېكەر تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىمۇ باشقا يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ توغرا تونۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەرگە «قوشمىغان» «قوشۇلمىغان» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەشتە، ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك ماركا ئۇچۇرىنى توغرا چۈشىنىشى، يېمەكلىكنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ مۇستەقىل تاللىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ تەشۋىقات سۆزلىرىگە قارىغۇلارچە ئەھمىيەت بېرىپ، مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي خۇسۇسىيىتىگە سەل قاراپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.