دۆلەت باج باش ئىدارىسى بېيجىڭ شەھەرلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى يامىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2025.03.28 16:09 مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بېيجىڭ شەھەرلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى يامىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىنتىزام جەھەتتىن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى لياۋياڭ شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ