تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن: بېيجىڭدىكى بىر سودا سارايدا بۇلاڭچىلىق يۈز بەردى، ساقچى تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2025.03.28 16:08 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيجىڭ فېڭتەي گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى بىر ساقچى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، فېڭتەي گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى فاڭجۇاڭ كوچىسىدىكى مەلۇم سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى پوكەينىڭ بۇلانغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. سودا ساراينىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ۋە ئاممىنىڭ ھەمكارلىشىشىدا، ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ X X (ئەر، 25 ياش)نى نەق مەيداندا تۇتۇپ، بۇلانغان بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ