شىنجاڭ ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش تېلېفونىدىن 15نى ئېلان قىلدى

2025.03.27 15:23 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، «ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ <يولغا قويۇش چارىسى> دېيىلىدۇ) رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «يولغا قويۇش چارىسى»نى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش، پاش قىلىش يوللىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

2024ـ يىلى، شىنجاڭ ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە خىلاپ 205 سىياسەت-تەدبىرنى تۈزىتىپ، ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى توغرا ئىگىلەش، تەكشۈرۈش سۇبيېكتىلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جايلار، تارماقلارغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى 3-تەرەپ ئارقىلىق نەق مەيداندا باھالىدى ھەمدە ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىش ئارقىلىق، 3-تەرەپ ئاپپاراتقا تۆت تۈركۈم قېتىم توردا ھۆججەت تاللاشنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى.

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىلىرى تېلېفون، پوچتا يوللانمىسى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ. بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قانۇن بويىچە ساقلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ