جياڭشى كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى (ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش)

2025.03.27 15:22 مەنبە: خەلق تورى

جياڭشى ئۆلكىسى شىنيۈ شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان گەنفېڭ ئايلانما پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدىكى دومنا پېچتا كېرەكسىز، كونا ئۈچ ئېلېمېنتلىق لىتىي باتارېيەلەر يىغىۋېلىنىپ پايدىلىنىلىۋاتاتتى. شىركەتنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى جاڭ شياۋمىڭ تونۇشتۇرۇپ : «بىزنىڭ كېرەكسىز، كونا ئۈچ ئېلېمېنتلىق لىتىي باتارېيەنى يىللىق يىغىۋېلىش ئىقتىدارىمىز 30 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، لىتىي باتارېيەنى ئۇنىۋېرسال يىغىۋېلىش نىسبىتى % 92 تىن ئاشىدۇ، بۇنى مەھسۇلات قىممىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 1 مىليارد يۈەن بولىدۇ» دېدى.

2023-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جياڭشى «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، «ئىلگىرىلەش» كۈچىنى قوزغىتىپ، «ئىشلەش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈردى.

ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا «كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىپ»، يېشىللىق ئاساسى پۇختىلاندى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن جياڭشى فېڭشىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. تۈر مەسئۇلى زوۋ يوۋپىڭ : «ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ لايىھەدىكى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 143 مىڭ توننا كۆمۈر سەرپىياتىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ، 2400 ۋاگون كۆمۈرگە باراۋەر كېلىدۇ» دېدى.

كۆمۈرنى سۈپەتكە، دەرىجىگە ئايرىپ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش»، «كۆمۈر ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قاتارلىق ئېنېرگىيە سەپلىمە قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆگزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتى تېزلىتىلدى... جياڭشى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. نۆۋەتتە، جياڭشىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنىراتورلار گۇرۇپپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 50تىن ئاشتى.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، يېشىللىق ئاساسى نۇرلاندۇرۇلدى.

دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت نەنچاڭ قاتتىق قېتىشما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ماڭغاندا، يېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، قۇشلار ۋىچىرلاپ سايرىشىپ تۇراتتى. بۇنىڭ 60 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە «كونا» كارخانا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى.

«يېشىللىق» سىرتتا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىچىدە بار. شىركەتنىڭ مۇھىت قوغداش مەسئۇلى ۋاڭ پېڭچاۋ : «سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بىز پاراشوك تەييارلاش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى سىرلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، ھۈنەر-سەنئەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى يېڭىلىدۇق. <14-بەش يىل>دىن بۇيان، شىركىتىمىز جەمئىي 3000 توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالدى» دېدى.

جياڭشى دىققەتنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2500دىن ئارتۇق كارخانىنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، كاربون ئىزىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى، 2 مىليارد يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بەردى. «14-بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى جەمئىي %16.4 تۆۋەنلىدى. جياڭشى ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى يىڭ جيۇڭ تونۇشتۇرۇپ : «نۆۋەتتە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ %40 تىن كۆپرەكى يېشىل تەمىنات زەنجىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتتى» دېدى.

يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر «كاربون قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەپ»، يېشىللىق ئەۋزەللىكى بەرپا قىلدى.

جياڭجۇڭ ياۋگۇدىكى بىيو دورا ياساش ئەقلىي ئىقتىدارلىق كاربونسىز زاۋۇتىدىن گەنجوۋ سىرەك توپا يېڭى ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسىدىكى مەڭگۈلۈك ماگنىت ماتېرىياللىرىدىن تەكرار پايدىلىنىشقىچە، يەنە يىڭتەندىكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق، تۆۋەن سەرپىياتلىق مىسنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيالغىچە... يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر يېشىل ياسىمىچىلىقنى ئىچكى يادرو قىلىپ، سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، جياڭشى ئىقتىسادىنىڭ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆنىلىشكە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

جياڭشى ياسىمىچىلىقنىڭ يېشىللاشقان تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، 2035-يىلىغا بارغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېشىل تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جياڭشى ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى سۇڭ دېشيۇڭ : «پائال تۈردە دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە كارخانىلار ئۈچۈن ۋاسىتە، كۆۋرۈك بولۇپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك» دېدى. نۆۋەتتە، جياڭشىدا دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 244ى، يېشىل باغچە رايونىدىن 27سى بار بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتى كۆلەمدىن يۇقىرى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %20 ىنى ئىگىلەيدۇ.

جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭ : «بىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىلارنى پائال تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ھەم كەڭ قوللىنىپ، كەسىپ زەنجىرى توپىنىڭ يېشىل ماس تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تەركىبىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز» دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ