ئۆز مۇخبىرىمىز
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش — باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.
ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش- تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى نامايان قىلىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن 7-ئايغىچە پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ باش تېمىسىنى ئۆزى پىلانلاپ بېكىتىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ ) نى بېسىپ تارقاتتى.
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلدى، مۇھاكىمە قىلىش، پىلانلاش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.
سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش
ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بىرىنچى ۋاقىتتا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى مەسئۇلىيەتنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ياش كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تولۇق قاپلاش، چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش چوڭقۇر بولۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشتا ئەمەلىي بولۇش، مەركەزلىك تۈزەشتە قاتتىق بولۇش، ئاشكارا تەربىيەنى جانلىق قىلىش، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى؛ ئورگاننى تۇتۇپ، سىستېمىنى يېتەكلەپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇش يىلى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورگانلار تۇرۇشقا ئەۋەتىپ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، سىستېما بويىچە يۇقىرى ـ تۆۋەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلىدى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەگە قارىتا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، مەركەزلىك تۈزەش، ئاشكارا تەربىيە بېرىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن 14 تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈردى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ھەم پۇختىلاپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشتە نەتىجە-ئۈنۈم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى پائال، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش-تەربىيە ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى ھازىرلىدى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، خىزمەت كومىتېتىدىكى ھەرقايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلاردىن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ بىرىنچى سەپتە ياخشى مېڭىش، ياخشى باشلامچى بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەت كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاش
ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشچىسى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەتىجە-ئۈنۈم ۋە تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۆستۈردى.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ھەم ئىگىلەپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مەركەزلىك ئۆگىنىش، كۈندىلىك تەربىيە ۋە مەركەزلىك تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئەمەلىي تۈزىتىپ ۋە مەركەزلىك تۈزەپ، ئىبرەت تەربىيەسى ۋە سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش تۈزۈم-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەينەن، ھەقىقىي ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتلام، تۈرلەرگە ئايرىپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمىنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، تېجەشلىك، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئەمەلىي» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىدى.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن بىللە، شەھەر دەرىجىلىك قاتلامدىن خىزمەت مەخسۇس بەنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، 16 رايون ۋە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇردى، ئالاقىلەشتى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئون سىستېمىلىق پارتىيە ( خىزمەت ) كومىتېتىغا تايىنىپ، شەھەر دەرىجىلىك 203 ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. بېيجىڭ شەھىرى «ئۇقتۇرۇش»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، مەركەزلىك تۈزەش، ئاشكارا تەربىيە»دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى 12 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرگە ئىنچىكىلەشتۈردى: بېيجىڭ پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى تورى قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا ئۆگىنىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلدى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، 12345 شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تېپىپ چىقتى...
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەنى قېزىپ، ھەم ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، ھەم خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، ھەم ئىستىل مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، ھەم ئىدىيەۋى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ، مەسىلىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا، ئەمەلىي تېپىپ چىقىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى تۇتاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر-تەكلىپ ئېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتى، باھاسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاممىغا ئىستىلنى ياخشىلاش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
يۈننەن ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىگە توغرىلىنىپ، تۈر شەكلىدە ئون تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتنى تىزىپ چىقىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈردى، كونكرېتلاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. بىر تەرەپتىن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى يەكۈنلەش ۋە شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئەرزىيەت قاتارلىق يوللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن ئۆلكە بويىچە «تۆت خاھىش»جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتلەپ، تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى مەركەزلىك تۈزەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.