جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 25-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: كانادا بىخەتەرلىك ئۇچۇر ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى كانادا چوڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن، دېدى. مەزكۇر ئىدارە يەنە جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل قورالى ئىشلىتىپ سايلامغا ئارىلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. جۇڭگو كانادانىڭ ئەندىشىسىنى قانداق تۈگىتىدۇ؟
گو جياكۇن: جۇڭگو تەرەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى، كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ ۋە ئارىلىشىشقا ئەزەلدىن قىزىقمايدۇ.