بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 25-چېسلا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ئوچۇق يىغىن ئاچتى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈرىيەدە يۈز بەرگەن پۇقرالارغا قارىتىلغان پەرقسىز قىرغىنچىلىق كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.
شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى پېي كەيرۇ ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈرىيەنىڭ سابىق ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشكەن تۆت ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ دۆلەت كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا يېقىندا «گۇرۇھۋازلىق ۋە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زوراۋانلىق» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن پۇقرانىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەتتا يەنە پۈتۈن ئائىلىگە قارىتىلغان يېقىن ئارىلىقتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە جىددىي قۇتقۇزۇشنى ماسلاشتۇرغۇچىسى فلېتچېر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فۇ سۇڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئىزچىل يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدى. سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا پۇقرالارغا قارىتىلغان پەرقسىز قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىككە ياتلىق ۋە ۋەھشىيلىك دەرىجىسى كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. سۈرىيە ۋاقىتلىق دائىرىلىرى بىر ئايلىق مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ھەمدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئىشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، سۈرىيە ۋاقىتلىق دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان ئۇسۇل بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.