2025-يىل 3ـ ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 20 گىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە تۆت كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىندى.
قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈلدى
جياڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ دېخې ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن ۋېيدۇڭ ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
13-نۆۋەتلىك گۇيجوۋ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ-پەن-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۇ ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى شۆبە شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتور ياردەمچىسى خې چىڭجۇ ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.