يېقىندا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ «مەخپىي نومۇرسىز چىقىم قىلىش» ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھېسابات مەبلىغىنىڭ ئوغرىلىنىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەرزىنى ئارقا ـ ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىستېمالچىلارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى توردا مال سېتىۋالغاندا يان تېلېفوننىڭ «مەخپىي نومۇرسىز چىقىم قىلىش» ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىپ، ھېسابات ھوقۇق دائىرىسىنى زىيادە ئېچىۋېتىش سەۋەبىدىن مەبلەغ زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئىستېمال ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى.