يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى! ساختا تەكشۈرۈش-ئۆلچەش دوكلاتى چىقىرىپ بەرسە قاتتىق جازالىنىدۇ

2025.03.26 16:40 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش چارىسى» يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ساختا، يالغان تەكشۈرۈش-ئۆلچەش دوكلاتى چىقارغانلار تېخىمۇ قاتتىق جازالىنىدىكەن. چارىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ دوكلات چىقىرىش، ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ۋە كەم تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىش، ساختا نەتىجە چىقىرىش قاتارلىق ساختا تەكشۈرۈش-ئۆلچەش دوكلاتى چىقىرىش قىلمىشلىرىغا قويۇلىدىغان جەرىمانىنىڭ يۇقىرى چېكى 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خاتا سانلىق مەلۇمات، نەتىجە چىقىرىش قىلمىشلىرىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قەستەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى ئۆستۈرۈلۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ سالمىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېنىك دەرىجىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قايىل قىلىپ تەربىيە بېرىش، ئەسكەرتىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىپ تۈزىتىش قاتارلىق مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە بولمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئىللىقلىقى نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ