چىڭخەي ئۆلكىسى ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈردى (ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش)

2025.03.26 16:33 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز خې يۇڭ، ۋاڭ مېي

مېخانىكىلىق بىلەك جانلىق ھەرىكەتلىنىپ، ئادەمسىز توشۇش ئاپتوموبىلى توختىماي ئۆتۈشۈپ، ئېنېرگىيە باتارېيەلىرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىلاتتى... شىنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نەنچۈەن سانائەت رايونىدا، چىڭخەي فۇدى باتارېيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پىلانى باسسىق ئىدى.

«چىڭخەينىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىز چىڭخەيدە ئېنېرگىيە باتارېيەسىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گو بو مۇنداق تونۇشتۇردى: «چىڭخەيدە ياسالغان» لىتىيلىق باتارېيە پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

2024-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «چىڭخەي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، كەسىپ تەرەققىياتىدا جەزمەن قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك.» بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ يولى. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ يارىتىش، ھەم پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.»

بايلىق ئامىلىنى كۈچەپ توپلاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چىڭخەي دۇنيا دەرىجىلىك تۇز كۆل كەسىپ بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ ئېگىزلىكى، خەلقئارا ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىلى، يېشىل ئورگانىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىش ئورنى بەرپا قىلىپ، ئېگىزلىكنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇردى.

چىڭخەي تۇنجى «ئېلان چىقىرىپ باشلامچىلىق قىلىش» تۈرى بولغان «تۇز كۆلنىڭ كونا تۇزىدىن گىدروماگنىي خىلورىد تەييارلاش»تا سۇسىزلاندۇرۇش يۈكى تۆۋەن، ئاسان ئېرىيدىغان ماتېرىيال ۋە سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇشتەك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نەتىجىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. بۇ يىل چىڭخەي دۇنيا دەرىجىلىك تۇز كۆل كەسپى بازىسى يىرىك پىلانىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، گولمۇد تۇز كۆلى يېشىل كەسىپ رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، كالىي تۇزى مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، لىتىيلىق تۇزنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈش، ماگنىي تۇزىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە تۇز كۆل كەسپى توپىنى بەرپا قىلىدۇ.

چىڭخەي گاۋجىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندە، 2200 يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي پېچىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. «ئۆلكىدىكى كادىرلار كارخانىلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، بىزنى تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە جاسارەتكە ئىگە قىلدى» دېدى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈن بىن.

بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 71 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %94.6 كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ۋە توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئىبارەت «قوش ئاساسىي گەۋدە» ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل چىڭخەي ئۆلكىسى چايدام قۇملۇق بازىسى گولمۇد شەرقىي تارماق بازىسىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە قۇرۇپ، ۋاراڭ، تۇڭدې، نەنشەنكوۋ، دېلىڭخادىن ئىبارەت تۆت سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.

چىڭخەي يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىش ئورنى بەرپا قىلىش نىشانىنى بېكىتىپ، ئون چوڭ كەسىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاش، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا» يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

ھازىر چىڭخەيدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»نى تىرىشىپ جانلىق «ئەمەلىي مەنزىرە سۈرىتى»گە ئايلاندۇردى. «بىز پۈتۈن ئۆلكە ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىنى تېزلىتىپ، بىرىنچى پەسىلدە <تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش>نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىللىق تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ