شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سوغۇق ئېقىم كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى

2025.03.25 15:47 مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2025-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 15 تىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە سوغۇق ئېقىم كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان: مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن 28-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن 14 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ئېقىم كۆرۈلىدىكەن. ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ