«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-تايلاند ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو-تايلاند «كۆك رەڭلىك زەربە-2025» دېڭىز ئارمىيە بىرلەشمە مەشقى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ بېشىغىچە گۇاڭدۇڭنىڭ جەنجياڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەشىقتە ئاساسلىقى شەھەرلەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تاكتىكىسى، بىرلىشىپ دېڭىزدا زەربە بېرىش، بىرلىشىپ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا مەشىق قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
بۇ ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ بۇ يۈرۈشلۈك بىرلەشمە مەشىقنى 6-قېتىم ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.