تەپتىش ئورگانلىرى گاۋ پېڭنىڭ پارا ئېلىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى

2025.03.25 15:54 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گاۋ پېڭنىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن. يېقىندا لۈلياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لۈلياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇنغان.

تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، جاۋابكار گاۋ پېڭغا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرغان ھەمدە جاۋابكار گاۋ پېڭنى سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان. تەپتىش ئورگىنى مۇنداق ئەيىبلىگەن: جاۋابكار گاۋ پېڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى، قوشۇمچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش-قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بېيجىڭ مېترو 10-لىنىيەسى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش دىرېكتورى، بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، شۇنىڭدەك ئۆز خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق باشقىلارغا نامۇۋاپىق مەنپەئەت يەتكۈزگەن، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان؛ گاۋ پېڭ دۆلەت ئورگىنى خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ