ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاشى قانداق تارقىتىلىدۇ؟

2025.03.25 15:53 مەنبە: خەلق تورى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاشى قانداق تارقىتىلىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سالونىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىدارە-ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نورمال خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى بىلەن ئوخشاش مائاش كىرىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ