كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت سۇبيېكىتلىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ، سىياسەتنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 2025-يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىك مەركەز مالىيەسىنىڭ ئادەمگىچە، ئائىلىلەرگىچە بېرىلىدىغان توققۇز تۈرلۈك مۇقىم يولغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم پۇلى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى، بۇغدايغا «بىر پۈركۈپ ئۈچتىن مۇداپىئە كۆرۈش» ياردەم پۇلى، دادۇر، كۆممىقوناقنى بەلباغسىمان بىرىكتۈرۈپ تېرىش ياردەم پۇلى، كۆممىقوناق ۋە دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلى ۋە شال ياردەم پۇلى، تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش ياردەم پۇلى، يېزا ئىگىلىكىگە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قىلىش ياردەم پۇلى، ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش ياردەم پۇلى ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى.