جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 3-ئاينىڭ 24-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى دەيئەنس بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىشنى ئەمەس، سۆھبەتلىشىشنى تاللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو-ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟
گو جياكۇن: كۆرۈشۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ خەۋەر ئارگىنالى ئېلان قىلدى، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دەپ قارايدۇ.