مۇخبىرىمىز فۇ ۋېن، شى يۈ
پولات جازىلار قەد كۆتۈرۈپ، كەپشەرلەشتىن چىققان ئۇچقۇنلار ھەر تەرەپكە چاچراپ تۇراتتى، فۇجيەن چۈەنجوۋ بەيخۇڭ خىمىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ يېشىللاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تۈرى نەق مەيدانىدا، 1300 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش خادىمى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. «كەسىپ سىياسىتى رىغبەتلەندۈردى، بازار ئىستىقبالى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، بۇ يىل ئۆزگەرتىشكە 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى.» شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۈ تاۋ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېنزور ئۈسكۈنىلىرىنى جىددىي قۇراشتۇرۇپ، 5 ـ ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. »
لۈ تاۋنىڭ ئىشەنچى يەنە سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقانلىقىدىن كەلگەن. چۈەنجوۋ شەھىرى چۈەنگاڭ رايونىنىڭ رايون باشلىقى ياڭ فېڭشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «تۈرگە سودىگەر چاقىرىشتىن ئىش باشلاش، قۇرۇلۇشنى تاماملاشقىچە، بىز باشتىن-ئاخىر <بىر يۈرۈش مۇلازىمەت> قىلىپ، يەر ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش، قەرز پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدۇق.»
2024-يىلى 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككى قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، «جىنجياڭ تەجرىبىسى»نى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.»
باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، فۇجيەن يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىكتە كۈچلۈك ئۆلكە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكىتلىرىنى باراۋەر رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
فۇجيەن ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شۈيمۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، بىز ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلىرىدىكى ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش بويىچە بىرلەشمە تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق ھەم يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەرقايسى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرنى ئادىل رىقابەتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي مونوپوللۇقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتۇق.»
«بىز كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ بازارنى كېڭەيتتۇق، بۇ يىللىق تىجارەت كىرىمىمىز بۇلتۇرقى بېكىتىلگەن نىشاندىن ئېشىپ كەتتى.» فۇجوۋ شەھىرى مىنچىڭ ناھىيەسىدىكى بىر پۇقراۋى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى چېن يىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دەل جايىدا ياردەم قىلىش-يۆلەش پۇقراۋى كارخانىلارغا «ۋاقتىدا ياردەم بەردى».
يېقىندا، فۇجيەن فۇلەن ئوپتىكا پاي چەكلىك شىركىتى خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش قاتارلىقلاردا 30 مىليون يۈەن مەبلەغقە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. ئېھتىياجنى بىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بانكىسى فۇجيەن ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى ساڭشەن تارماق بانكىسىنىڭ مۇئامىلىدارلار دىرېكتورى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىغا مەخسۇس مەبلەغ قەرز پۇلىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ بەردى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى پەن مىنجۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل پەقەت ئۈچ كۈندىلا ھېساباتقا كىردى.»
فۇجيەن پۇقراۋى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى قاتارلىقلار يېڭىدىن 20 مىليارد يۈەن مەخسۇس مەبلەغ قەرز پۇلى تەسىس قىلىپ، كەسپىي، تۈجۈپلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، 300 دىن ئارتۇق كارخانىغا نەپ يەتكۈزگەن.
ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق كارخانىلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش بېسىمى يېنىكلىدى. نىڭدې شەھىرى گۇتيەن ناھىيەسىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى تيەنچېن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ رېنشيۇ دىققىتىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ قاراتتى.
فۇجيەن كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى، 2025-يىلىدىن باشلاپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەكشۈرۈشتە «بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەكرار، كۆپ تەرەپتىن خالىغانچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا خەلقنى پاراكەندە قىلىش، كارخانىلارنى پاراكەندە قىلىش مەسىلىلىرىنى تۈگەتتى.
قوغداش-يېڭىلىق يارىتىش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈردى.
تېلىخۇي ئۇچۇر پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان يۇمشاق دېتال رەقىبىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىدى. فۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنى يۇمشاق دېتال كودىنى سېلىشتۇرۇشقا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تېلىخۇي ئۇچۇر پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 450 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلىنىپ قېلىشىغا ياردەم بەردى. شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى لىن شىفۇ مۇنداق دېدى: «تەلىيىمىزگە تېخنىكىلىق تەكشۈرگۈچى بولغاچقا، ئەدلىيەلىك باھالاش ۋاقتى ۋە خىراجىتى تېجەپ قېلىنىپ، ئىجادىي نەتىجىلىرىمىز ئۈنۈملۈك قوغدالدى.»
«<ھەقىقىي يېڭىلىق يارىتىش> نى <ھەقىقىي قوغداش> كېرەك. فۇجيەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تېخنىكىلىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەۋا پائالىيىتىگە قاتنىشىش خىزمەت قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر قاتارلىقلارنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخنىكىلىق پاكىتنى تەكشۈرۈشنى كۈچلۈك كەسپىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتتى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، فۇجيەندە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 225 مىڭ سۇبيېكىت يېڭىدىن كۆپەيدى؛ 2024-يىلى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن يېڭىدىن كىرگۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سانى %9.7 ئاشتى.
فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ زۇيى مۇنداق بىلدۈردى: «دادىللىق بىلەن باشلامچى بولىدىغان، جان تىكىپ ئېلىشىشنى خالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە جاسارەت بىلەن ئالدىدا ماڭىدىغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھى بىلەن، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ، فۇجيەننى يىراق-يېقىندىن كەلگەن تىجارەت-سودا مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.»