مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 6-گۇرۇپپىسىنىڭ ئاممىنىڭ ئىنكاسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوكلات قىلغان يوشۇرۇن خەۋپ يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

2025.03.24 15:35 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2025-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 6-گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1-پەسىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى باشلىدى.

باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە تېلېفون، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوكلات قىلغان شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) تەۋەلىكىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپ يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2025-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ.

تېلېفون نومۇرى: 13717822303 (خىزمەت ۋاقتى سائەت 10:00دىن 14:00 كىچە، سائەت 15:30دىن 19:30 غىچە).

ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى: xj 2025 mcaf@ mem.gov.cn.

مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 6-گۇرۇپپىسى

2025-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ