مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرگەن»لەر جەمئىي 492 مىڭ جۈپكە يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ باشقا جايدا ئۆيلىنىش ئىشلىرىنى تىزىملاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئارقا ـ ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت ئۆيلىنىش ئىشلىرىنى تىزىملاشتا «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرغان.
يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «ئۆيلىنىشنى تىزىملاش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆيلىنىش ئىشلىرىنى تىزىملاشتا «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش»نى يولغا قويىدۇ. شۇ چاغدا ئالاقىدارلارنىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشى دائىملىق نوپۇس تۇرۇشلۇق جاينىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.