خېفېي سەنجىياڭ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «سەنجىياڭ شىركىتى» دېيىلىدۇ)نىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2024-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، سەنجىياڭ شىركىتى 68 مىليون 949 مىڭ 500 يۈەن جەرىمانە ۋە مۇسادىرە پۇلىنى تولۇق تاپشۇردى. «شياڭگاڭ مېيچېڭ يۆبىڭ»، «ئاۋسترالىيە گۇسى كالا گۆشى تۈرمىلى» قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا جەمئىي 27 مىليون 778 مىڭ 500 يۈەن تۆلەم بېرىلدى ھەمدە تۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۆلەش پىرىنسىپى بويىچە، بىرنى قايتۇرسا ئۈچنى تۆلەش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىپ، قايتۇرۇش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. سەنجىياڭ شىركىتىنىڭ تاللانغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، ئىچكى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلىرىگە قارىتا، خېفېي شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ 89 تۈرلۈك كونكرېت تۈزىتىش تەدبىرىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
سەنجىياڭ شىركىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، خېفېي شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە ئادۋوكاتلار، ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ ئۇنىۋېرسال باھالاش ئېلىپ بېرىپ، سەنجىياڭ شىركىتىنىڭ تۈزىتىشى تەلەپكە ئۇيغۇن، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىغان، دەپ قارىدى.