جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان بېيبۇۋەن ئويمانلىقىدىكى دېڭىزغا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن دېڭىز 301-نومۇرلۇق قۇدۇقتىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېقىمىغا ئېرىشتى، ئىككى قاتلام-سىستېمىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سىناق ئارقىلىق كۈنىگە 1108 كۇب مېتىر ۋە 167 كۇب مېتىر نېفىت ئېكۋىۋالېنتىغا ئېرىشىپ، بېيبۇۋەن دېڭىزىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش رېكورتىنى يېڭىلىدى.
دېڭىزدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن جاي بېيبۇۋەن ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، گۇاڭشىنىڭ بېيخەي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدۇ، 1982-يىلى نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بىر مەھەل بايلىق يوشۇرۇن كۈچى ئاجىز، سودا چارلاش قىممىتى تۆۋەن دەپ قارىلىپ، باشتىن-ئاخىر سودىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىغانىدى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ رايوننى چارلاش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن يېڭى رايون قىلىپ، ئۇل تەتقىقاتنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىرىكمە نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسىنى شەكىللەندۈرۈش نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېيىنكى يۇقىرى مەھسۇلاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن نەزەرىيەۋى ئاساس سالدى.