بۇلتۇر 8-ئايدىن بۇيان، ئىستىمالچىلار كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە 90 مىليونغا يېقىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدى

2025.03.24 15:32 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال پەسلىنى باشلاش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. باشلىنىش مۇراسىمىدا، سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2024-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە، ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە 90 مىليونغا يېقىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدە يىل ئاتلاپ يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 20 مىليون 208 مىڭ ئىستېمالچى 12 چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتىدىن 27 مىليون 572 مىڭنى سېتىۋېلىپ، 93 مىليارد 80 مىليون يۈەنلىك سېتىشقا تۈرتكە بولغان.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، «2024-يىللىق جۇڭگو تاشلاندۇق ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى» ۋە «2025-يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال يۈزلىنىشى» ئېلان قىلىندى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچ قوشۇپ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى «ئەقلىي»لىرىگە ئالماشتۇرۇش ئاساسىي ئېقىم ئىستېمال يۈزلىنىشىگە ئايلىنىپ، يېشىل ئىستېمال ئىدىيەسى شەكىللەنمەكتە، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلام ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، دۆلىتىمىزدا رەڭلىك تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىردەك %50 تىن ئاشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سودا مىنىستىرلىقى تور ۋە تور سىرتى يوللىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «سىياسەت+پائالىيەت» قوزغىتىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زاۋۇتلارنى يېڭى مەھسۇلاتلارنى چىقىرىش، سۇپىلارنى پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كارخانىلارنى ئېتىبار بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېففېكتىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلاش ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىكەن.

كېيىنكى قەدەمدە مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يىغىۋېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تۆت جەھەتنى چۆرىدەپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ