يېقىندا، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە پۇقرالار ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى يېڭىلىدى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتتى، بۇ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنىڭ رەسمىي تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2024-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان. 2025-يىل 3-ئايدا، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى «ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»نىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى)»غا ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىدى.
مەنبە: خەلق تورى