دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كەمسىتىش، چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللانماسلىققا دەۋەت قىلىمىز

2025.03.21 14:11 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى «جۇڭگو ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان كومىتېت»نىڭ رەئىسى مورېننا ئامېرىكىدىكى ئالتە ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن شۇ مەكتەپتىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاپپاراتلارغا تەتقىقات خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى قوش قوللىنىشچان سەزگۈر تېخنىكا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەگەر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرمىساق، ئالاقىدار يۈزلىنىش ئامېرىكا ئىختىساسلىقلىرىنى سىجىل سىقىپ چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات سەمىمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىغا زىيان يەتكۈزۈش بەدىلىگە جۇڭگو تەرەپنىڭ تېخنىكا ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئۆستۈرىدۇ، دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. مائارىپ ھەمكارلىقى ھەم ئىككى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. بىز ئامېرىكا تەرەپنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشنى توختىتىپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوللۇق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كەمسىتىش، چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ