دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماق 3-ئاينىڭ 19-كۈنى«دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودىنى داۋالىنىش كاپالىتى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ساھەسىدە يىغىپ قوللىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە ئاشكارا ئېلان قىلغان بولۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە، 2025-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سېتىش ھالقىسىدا تەلەپ بويىچە كودنى سكاننېرلىغاندىن كېيىن ئاندىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى بويىچە راسچوت قىلىنىدىكەن، ئىلگىرى سېتىۋالغان مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودى يوق دورىلارنى «كود ئامبىرى»غا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، ۋاقتىنچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلىشقا بولىدۇ؛ 2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودىنى تولۇق يىغىپ يۇقىرىغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.