ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 2025-يىللىق 1-تۈركۈمدە ئارمىيەدىن ھەربىي (ساقچى) ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى.
ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى «قوش بىرىنچى دەرىجە» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە قۇرۇلۇش پەنلىرىنى شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرمۇ «قوش بىرىنچى دەرىجە» قۇرۇلۇشىغا تەۋە بولمىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە قۇرۇلۇش پەنلىرى، لېكىن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزۈدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئەلالىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە «ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورى» (http://81rc.81.cn ياكى http://www.81rc.mil.cn) ئارقىلىق كونكرېت قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى ۋە ئۆلچەم-شەرتلەرنى سۈرۈشتۈرىدۇ ھەمدە توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ئارمىيەگە ئالاقىدار ئورۇنلار قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە، بەدەن تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن باھالاش، تەكشۈرۈپ تاللاش، كەسپىي جەھەتتىن باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي تاللاپ ئۆستۈرۈپ، قوبۇل قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى