ئالدامچىلىققا چېتىشلىق تەشۋىقات بۇيۇملىرى تېز يەتكۈزۈش يوللىرىغا كىرىپ قالغانلىقتىن، شاڭخەي يۈندا تېز يەتكۈزۈش شىركىتى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى

2025.03.21 14:09 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، يۈندا تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە ئەزا بولغان بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ كېلىشىملىك خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشىدا زور يوچۇق ساقلانغان بولۇپ، ئالدامچىلىققا چېتىلىدىغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش يوللىرىغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زور مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شاڭخەي يۈندا يۈك تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىتتىپاقداش سودىگەرلەرنى باشقۇرۇشى يېتەرسىز بولۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۈستىگە ئالمىغان، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى شاڭخەي يۈندا يۈك تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ