مۇخبىرنىڭ سۇچىلىق مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي سۇغىرىش كۆلىمى 64 مىليون مودىن ئاشقان، 16 ئۆلكىدە سۇغىرىش باشلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1400دىن ئارتۇق جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونىدا سۇغىرىش باشلانغان. مەملىكەت بويىچە 9520 نۇقتىلىق سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش ئومۇمىي مىقدارى 48 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10 كە يېقىن ئېشىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىش ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولغان. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگەن.
سۇچىلىق تارماقلىرى سۇغىرىش سىنىقىنىڭ نەتىجىسىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە 152 ئورۇندا سۇغىرىش سىنىقى پونكىتى قۇردى، سىناپ كۆزىتىش نەتىجىسى سۇغىرىش تۈزۈمى ۋە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ نورمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى. جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆستەڭ چارلاش، سۇنى يىراق مۇساپىلىك ئۆلچەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شەندۇڭ ۋېيشەن سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇغىرىش تەجرىبە پونكىتى زىرائەتلەرگە كېرەكلىك سۇ مىقدارى ۋە سۇغىرىش تۈزۈمىنى كۆزىتىش تەتقىقاتىنى ئۇزاق مۇددەت قانات يايدۇرۇپ، 20 مىليوندىن ئارتۇق كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ، سۇ مىقدارىنى تەڭشەش، سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. جياڭشى گەنفۇ تۈزلەڭلىكىدىكى سۇغىرىش رايونى بەش مىنۇتتا كەلگۈسى 10 كۈنلۈك سۇغىرىشنى تەڭشەش-تەقسىملەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلار ئابونىچىلار تېرمىنالى ئارقىلىق كودنى سكاننېرلاپ سۇ ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، سۇ قويۇپ بېرىشنى تەڭشەش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەتكە قىسقىرايدۇ.
2024-يىلى دۆلەتنىڭ سۇ تورى زور قۇرۇلۇشىدىن 41 ىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ،481 سۇ ئامبىرى، يېڭىدىن قۇرۇلغان يەتتە چوڭ سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە 1342 سۇغىرىش رايونىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان ۋە ياخشىلىنىدىغان سۇغىرىش كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىليون موغا يېتىدۇ. ھازىر، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يەرلىكنىڭ سۇچىلىق ساھەسىدىكى «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش تۈرىدە بالدۇرراق ئىش باشلاشنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە.