ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتايلى

2025.03.21 14:06 مەنبە: خەلق تورى

ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ، بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتۇن نام كارتىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى گېپىدە تۇرۇپ ئاممىنى قايىل قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىدىغان كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئىمتىياز ئىدىيەسىنى تۈگىتىش، راھەتپەرەسلىك ئىستىلىنى توسۇش... ناتوغرا ئىستىلنى تۈزەش ئارقىلىق توغرا كەيپىيات تۇرغۇزۇلدى، پىرىنسىپ-ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەندى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى.

«14-بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، خىرىس كۆپ. قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تۇتقىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىستېمالنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا توسۇقلارنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ تاۋلىنىش مۇساپىسىدە، ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە توغرا كەلگەنسېرى، ئىستىلنى شۇنچە تاۋلاپ، كىشىلەر قەلبىنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ياراملىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، شۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشتىن يەپ-ئىچىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، يەنە قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلماسلىققىچە، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك» پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. جەزمەن قەتئىي يول قويماسلىقتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاپ، ياخشى ئىستىل، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە ياراتقاندىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولغىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ھالقىپ ئۆتىدىغان يەنە نۇرغۇن «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»لار بار، شۇنداقلا بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لار بار. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە دادىل ئىش قىلىپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ ئۆزىنى قاچۇرماي، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەي، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك. چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش جەھەتتە دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى تۇرغۇزغاندىلا، چوقۇم يېڭى زېمىن ئېچىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى ياراتقىلى بولىدۇ.

ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، چىن دىلدىن يولغا قويۇش كېرەك. بىز بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىستىل، يېڭى ئوبراز يارىتىپ، يېڭى سەپەردە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ