جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى سالاپەتنى نامايان قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجوۋدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

2025.03.21 14:05 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ قېتىرقىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى سالاپەتنى نامايان قىلىمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ توپلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ھېسابلاش ئىقتىدارى قاتارلىق رەقەملىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.

شەندۇڭ ئۆلكىسى بىنجوۋ شەھىرى جەنخۇا رايونى خۇيخۇڭ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقىل زاۋۇتىدا، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئاليۇمىن توپا كېنى قاردەك ئاپئاق ئاليۇمىن ئۇۋىقىغا ئايلانغانىدى. «بۇ، بىزنىڭ ئاليۇمىن كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتكەنلىكىمىزنىڭ بىر نەتىجىسى.» جەنخۇا رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ دۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىز باشتىن-ئاخىر ئىرادىنى ساقلاپ ۋە سەۋرچان بولۇپ، ئاليۇمىن ئاساس قىلىنغان ماتېرىيال داڭلىق شەھىرى بەرپا قىلىش نىشانىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. »

دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ 2021 ـ يىلىدىن بۇيان ئېكولوگىيەلىك مۈلۈك ھوقۇق ـ مەنپەئىتى تۈرىدىكى جەمئىي سودا سوممىسى 25 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە يەتتى. فۇجوۋ شەھەرلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى جيەنگۇاڭ زىممىسىدىكى ئېغىر ۋەزىپىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، «بىز ئېكولوگىيەنى قوغداشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قىممىتىنى دەل جايىدا مىقدارلاشتۇرۇپ، ئورمان كاربون يىغىش تۈرىنى ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىمىز». »

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شياۋ كەيلىن مۇنداق بىلدۈردى : «بىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىش بويىچە مەركەزلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئادەت يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاماملاش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش، مەنپەئەتلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.»

سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش

بىر جاينىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سودا مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەننەن بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇڭ خۇپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ < گۇيجوۋ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىشى كېرەك > دەپ تەكىتلىدى، بىز مەۋقەنى فوسفور رۇدىسى بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، < دەل جايىدا كان تەكشۈرۈش، دەل جايىدا كان تەقسىملەش، ئىنچىكە كان ئېچىش، كاننى تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش > تىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى چۆرىدەپ، < ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ ئېھتىياجنى بېكىتىش، ئېھتىياجغا قاراپ تەمىنلەشنى بېكىتىش > تىن ئىبارەت بازارلاشقان يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، مۇقىم، ئادىل، ئوچۇق، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك. »

ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، توردا «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس»لىق ئاممىۋى سورۇننىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. «ئالدى بىلەن كىنىشكا تارقىتىلىپ، ئاندىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدۇ، بېجىرىش ۋاقىت چېكى % 90 ئۆستۈرۈلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خۇبېي ئۆلكىسى جىجياڭ شەھىرىنى سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چياڭنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، «بىز تەرتىپنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز. »

كەچ كىرىشى بىلەن، چۇڭچىڭ شەھىرى فېڭدۇ ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىش مەخسۇس بەنى يەنىلا بىر كارخانىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوجۇڭ مۇنداق دېدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ < كادىرلارنى ئومۇمىيەت ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭى، سەمىمىيەت ئېڭى، پاكلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك > دەپ تەكىتلىدى، بىز < بىرىنچى سەپتە چېنىقىش+ئىش ئورنىدىن ھالقىپ ئالماشتۇرۇش+پەلەمپەيسىمان تەربىيەلەش > تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.»

ئېچىۋېتىشمۇ مۇھىم سودا مۇھىتى

گۇيجوۋ ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ نازىرى لۈ جىنسۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا پائال ئۇدۇللىشىپ، گۇيياڭنىڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى تۈگۈنلۈك فۇنكسىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولىمىز. »

كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش

ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پۇختا قاتنىشىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەنشىنەن بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىڭيى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۇ شيەنلىن مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق، ئۆزلەشتۈردۇق، بىز زامانىۋى ئېنېرگىيە، ئۇل ماتېرىيال، خاس يېنىك سانائەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سانائەت يېتەكچى كەسپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز». »

خۇبېي شياۋچاڭ ناھىيەسى زوۋگاڭ بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق تەيزى شېلى ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسىدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ تەيزى شېلى كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى خۇيفېننىڭ كۆڭلىدە سان بولدى: «بىز پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، < بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش > نى پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز. »

چۇڭچىڭ يۇڭچۇەن دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونىدا، 100 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى يېڭى چاي ئۈزۈلدى، 60 مىڭ مو يەردىكى بالدۇر پىشىدىغان نەشپۈتنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. «بىيوتېخنىكا، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بىز ئېدىرلىق-تاغلىق خاس يېزا ئىگىلىك سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى ماڭىمىز. باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كاڭ جىپىڭ كەلگۈسى يىرىك پىلان ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى.

خۇڭشىن خۇڭشۇسى گۇيجوۋ زىيۈن مياۋزۇ-بۇيى ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يېزا ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شيۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ < مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

كېرەك > دەپ كۆرسەتتى، بىز خۇڭشىن خۇڭشۇسى كەسپىگە تايىنىپ، كۆپ مەنبەلىك پايدا تەقسىملەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى بىرتۇتاش كۆزىتىپ ئۆلچەش، تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز. »

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

گۇيجوۋ لىپىڭ ناھىيەسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى لۇ يەنيۈ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋشىڭدىكى دۇڭزۇلار كەنتىگە كەلگەنلىكىدىن قەلبىمىز تولىمۇ ئىللىقلىققا تولدى. كېيىنكى قەدەمدە، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنى تەربىيەلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمىز.»

جياڭشى رۇيجىن شەھىرىدىكى 120 دىن ئارتۇق كونا ئىنقىلابىي جاي ساياھەتچىلەرگە بوران-چاپقۇن داۋالغۇپ تۇرغان ئىنقىلاب يىللىرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. رۇيجىن مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى ياڭ لىشەن ھەر كۈنى چارلاپ تەكشۈرىدۇ، «بىز قىزىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر دەرىجىلىك قىزىل يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قوغداشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. »

چىڭقى چۈش مەزگىلىدە، شەندۇڭ چىڭيۈن ناھىيەسىنىڭ شاڭتاڭ بازىرى چيەنۋاڭ كەنتى مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت پونكىتىدا، ياشانغانلارنىڭ كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر مەيدان جۇۋاۋا زىياپىتى باشلاندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىچاڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:< ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك.> بىز < ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلىش، قاتتىق باشقۇرۇشنى قوشۇمچە قىلىش > مىزانى بويىچە، كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئائىلىنى تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.»

باھاردا ھاۋا ئىللىپ، بارچە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلدى، گۇيجوۋدىكى ھەرقايسى جايلار تەدرىجىي ھالدا ئەڭ چىرايلىق چېچەك سەيلىسى مەزگىلىگە كىردى، ساياھەتچىلەرنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. گۇيجوۋ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى ۋۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، بىز تەبىئىي گۆھەرلەر ۋە مەدەنىيەت گۆھەرلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، < ساياھەت+> كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، < رەڭدار گۇيجوۋ > مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى سۈپەتلىك ماركىسىنى ياخشى يارىتىمىز.» 

       مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ