كۇنمىڭ: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرزى ئالغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ياش چېكى تەڭشىلىدۇ

2025.03.20 14:47 مەنبە: خەلق تورى

كۇنمىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇل مۇلازىمىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پۇل تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مۇتلەق ۋە ياخشىلانما تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 5-نۆۋەتلىك كۇنمىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشى بىلەن، ھازىر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئالغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ياش چېكىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان:

پۇل تاپشۇرغۇچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، قەرز پۇلنىڭ مۇددىتى توشىدىغان كۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن كېيىنكى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەرلەر 68 ياشتىن، ئاياللار 63 ياشتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قەرز مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 30 يىل بولىدۇ.

بۇ ئۇقتۇرۇش 2025-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. 2025-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇرۇن «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇل توختامى» ئىمزالانغان قەرز پۇل ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ