مۆلچەرلىنىشىچە، 2027-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەزكىرىسى» تولۇق نەشر قىلىنىدىكەن

2025.03.20 14:47 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەزكىرىسى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

«جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەزكىرىسى» دۆلىتىمىزنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش تارىخىي مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ھەقىقىي خاتىرىلەندى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈر 2020-يىلىدىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. 56 پارچە «جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەزكىرىسى يۈرۈشلۈك كىتابى» ئىچىدە، 49 پارچە تەزكىرە ئارگىنالىنى تۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولۇپ، 2027-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈنلەي نەشر قىلىنىپ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ