بۇ يىل 1-پەسىلدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش باشلاندى، مەركەزنىڭ 22 باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئورۇنلاشتى

2025.03.20 14:45 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، 2025-يىللىق مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش بويىچە 1-پەسىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشى رەسمىي باشلاندى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى باشچىلىقىدىكى مەركەزنىڭ 22 بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئورۇنلىشىپ، 1-پەسىلدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

كىرىپ ئورۇنلاشقان مەزگىلدە، ھەرقايسى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى پاش قىلىش تېلېفونى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىسىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا، دەرىجە ئۆستۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىدۇ ھەمدە تەۋەلىك بويىچە كەينىگە ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ